Uyghur主要词典
پاكىستاننىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى توغرىسىدىكى تالاش تارتىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندا دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1948 - يىلى 3 - ئايدا پاكىستاننىڭ ئاساسىي قانۇن پارلامېنتى قانۇن تۈزۈپ يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپى - <نىشان توغرىسىدا قارار> نى ماقۇللاپ، دۆلەتتە پارلامنېت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، <ئىسلام دىنى رامكىسى ئىچىدە دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، كەڭچىلىك ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى، تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەت باشلىقلىقىنى مۇسۇلمان ئۈستىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھەمدە قۇرئانغا، ھەدىسكە خىلاپ ھەر قانداق قانۇننى تەكشۈرۈش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەشەببۇسنىڭ ئىنكار قىلىنىشى دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. 1951 - يىلى 1 - ئايدا پاكىستاندىكى دىنىي ئەربابلار مەملىكەتلىك يىغىن ئېچىپ، 22 ماددىلىق قارار ماقۇللاپ، ئىنكار قىلىنغان ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى قايتا تەكىتلىدى. 1953 - يىلىنىڭ باشلىرى سىياسىي تالاش - تارتىش قىزىپ كەتتى. لاھوردا ۋە پەنجاب ئۆلكىسىدە مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش بولدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىدارە قىلىشنى جاكارلىدى. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش خىزمىتى توختاپ قالدى. 1956 - يىلى پاكىستان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش بويىچە ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىدى، >نىشان توغرىسىدىكى قارار< دا بەلگىلەنگەن سىياسىي پرىنسىپلارنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە دىنىي ساھەدىكىلەر بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىدا مۇرەسسە قىلدى: (1) دۆلەتنىڭ نامى پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولىدۇ؛ (2) مەركىزى ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيىسى قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلىپ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى قايتىدىن قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ (3) مەشھۇر فەقىھلەردىن قانۇننى نازارەت قىلىش كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ. بۇ كومىتېت دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىشنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى ھەممە قانۇنلارغا تەدرىجىي تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، پاكىستاندىكى دىنىي ئەربابلار مۇشۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، دۆلەتنى شەرىئەت بويىچە باشقۇرۇشنى، ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئسىلام سىياسىي تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت تۈزۈلمىسى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىش پارلامېنتتىكى مۇنازىرە ۋە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.