Uyghur主要词典
پاينەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تۇخۇمنىڭ توم. يوغان تەرىپى (ئۇچىغا قارىمۇقارشى تەرىپى).
سىيىت، مەشرەپكە كۆرەڭلەپ: - مۇشۇنداق تۇخۇمدىن ئىككى يۈزنىڭ ئۈچ پاينىكىنى ئۇرۇۋالىمەن، دېسىمۇ قورقماي چېكىشىۋېرىمەن، - دېدى.
مىلتىق، ئاپتومات، قىلىچ قاتارلىق قوراللارنىڭ تۇتىدىغان سېپى، دەستىسى.
جانبېك، كەلگەن پېتى مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن بىرنى سالدى.
باشنىڭ چاچ ئۈنمىگەن ۋە چاچ چۈشۈپ كەتكەن غىلتاڭ قىسمى، پارقىراپ چوققىسى.
يىگىت ئۇنىڭ بېشىدىن دوپپىسىنى يۇلۇۋېلىپ، قىپقىزىل، پاينەك چوققىسىغا شاپىلاقلىدى.