Uyghur主要词典
پايە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاياغ:
باسقۇچ، دەرىجە، مەرتىۋە:
ئاست، تەگ:
1. نىگارا خاكى پايىڭغە نىسار ئەز خانۇمانىمدۇر،
دەمى تىيغى ھىلالىڭغە فىدا يۈزقاتلە جانىمدۇر.
ئەرشى.
2. سەرۋ نەھەد بىرلە سەركەشلىك قىلۇر قەددىڭ بىلە،
بىلگۈرۈر مەيدان ئىچىندە ھەر كىشىنىڭ پايەسى.
سەككاكى.
3. نەرباد ئولغاندا سىررىڭ چاغى توققۇز چەرخكىم،
پايەلەردىن پايە ئېردى نەبيىرى ئەئزەم ئەمەس.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەلەمپەي؛ دەرىجە؛ دەسسىگۈچ؛ ئۇل، تۈپ، ئاساس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. ئېگىزلىككە چىقىپ چۈشۈشتە ئىشلىتىلىدىغان شوتا، پەلەمپەي؛ باسقۇچ.
ھاتەم ئورنىدىن تۇرۇپ، تەختنىڭ بىرىنچى پايىسىگە قەدەم قويدى.
پۇت، ئاياغ.
ئەتىرگۈلدەك چىرايىڭغا بېقىپ، رەڭگىم چىلان بولدى، تىكەن پايەڭ تۈپەيلىدىن مېنىڭ كۆكسۈممۇ قان بولدى.
ياغاچ ياكى ساپالدىن ياسالغان چىراغ قويىدىغان جاھاز: ئالدىڭ ئۈچ ئامىلدىن <چىراغ> دېگەن نام، بىرى ياغ، پىلىكۇ، بىرىدۇر پايە.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شېخى، يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە مېۋىلىرىنىڭ كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان يەر ئۈستى قىسمى؛ غولى، تۈپى.
ئەتراپتا كۆرۈنمەيدۇ ئىنسان سايىسى، باغلاردا زەپىران گۈللەر پايىسى.