Uyghur主要词典
پايمال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاياغ ئاستى، ئاياغ ئاستى قىلىنغان، ئېزىلگەن:
جەمالىڭ بولماسە ھەرگىز تەماشابى گۇل ئەتمەسمەن،
بارى گۇلشەن گۇلى ئالىمدا خەسدېك پايمالىدۇر.
گۇمنام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاياق ئاستىدا قالغان، يەنچىلگەن: پايمال ئەيلىمەك - ئاياق ئاستى قىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەسسەپ _ يانچىپ يوقاتماق، خارلىماق.
« قىلماق »، « بولماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ.
گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى دەپسەندە قىلغانىدى. ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىدىغانلارنى قانۇن بويىچە جازاغا تارتىش لازىم. پايمال بولماي دېسەڭ پاك بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. كۆپىنچە <قىلماق،>، <قىلىنماق> پېئىللىرى بىلەن بىللە كېلىپ: 1( ئاياغ ئاستىدا بېسىلماق، يانجىلماق، چەيلەنمەك. 2) كۆچمە. ئاياغ ئاستى قىلماق، خورلىماق، دەپسەن قىلماق< دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
پايمال قىلماق. پايمال قىلىنماق.