Uyghur主要词典
پايلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىز باستۇرۇپ قاراپ يۈرۈپ، تەقىپ قىلماق.
دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كېچىسى پايلا. ئىشپىيونلار ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، نەگە بارسا، شۇ يەرگە بېرىپ يۈردى. كىمكى چۈشىنىپ قالغاندا مېنى، دوستۇم دېمەيمەن ھەرگىز ئۇنى، بەلكى پېيىگە چۈشۈپ بىر كۈنى، بەتنەزەر كۆزىنى ئويۇۋالىمەن. دۈشمەن ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانىدى، ئۇ ئۇنى سېزىپ، دەرھال بىر ياققا بۇرۇلدى.
شىۋىلەر
مارىماق، پېيىغا چۈشمەك. مەسىلەن:
لەپ - لەپ قىلىپ قارلار ياغدى،
تاغلارنى بويلاپ.
ئۆتكۈر كۆزلەر ئوقيا بولدى،
دۈشمەننى پايلاپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر ئىش ياكى سۆز - ھەرىكەتتە بەرداشلىق بەرمەك، سەۋر قىلماق، تاقەت قىلماق.
بۇ بالىغا بىر ئاياغ جىق بولسا بىر ئاي پايلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يوشۇرۇن كۆزەتمەك، كۆز - قۇلاق بولماق، مارىماق؛ پېيىغا چۈشمەك.
دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كېچىسى پايلا (ماقال).