Uyghur主要词典
مۇز ئۈستىدىكى شىددەتلىك جەڭ
领域: دۇنيا تارىخىمۇزلۇق كۆل ئۈستىدىكى جەڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1242-يىل ئەتىيازدا رۇسلارنىڭ گېرمانىيە تېوتون رىتسارلار پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى. 1240-يىلى تېوتون رىتسارلار پولكى دانىيە، شۋېتسىيە فېئوداللىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، رۇسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي تىياۋدۇن رىتسارلار پولكى پىسكوو شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە داۋاملىق شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەپ، نوۋەورود شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن. وۋگورود كىنەزى ئالېكساندر نېۋىسكىي نوۋگورواد شەھىرى بلەن سوزدال شەھىرىدىكى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن پېسكوۋ شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان. كېيىن ئىككى تەرەپ 1242-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى چود كۆلىدىكى مۇز ئۈستىدە شىددەتلىك جەڭ قىلغان. نوۋگورود غەلىبە قىلىپ، رىتسارلاr پولكىدىن 400 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 50 كىشىنى ئەسىر ئالغان، ھەمدە رىتسارلار پولكىنى روسىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى جەڭ گېرمان فېئوداللىرىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توسقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。