Uyghur主要词典
مۇزا بانانى
بىئولوگىيە
بانان ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يەر ئاستىد كاللەكلەشكەن يىلتىزسىمان غولى بولىدۇ. غولنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئۇزۇن، يەر ئاستى قىسمى يوپۇرماق غىلىپىنىڭ قاتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان توم يالغان شادىدىن ئىبارەت. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم كەڭ، ئوچۇق يېشىل، يوپۇرماق سېپى توم، ئوتتۇرا تومۇرى ئېنىق، ئىككى يېنىدىكى تومۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پاراللېل، يوپۇرماق دۈمبىسى بىلەن يوپۇرماق غىلىپىدا موم پاراشوكى بولمايدۇ ياكى ئازراق بولىدۇ. گۈل شېخى توم، يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرمىقى قىزغۇچ قوڭۇررەڭ بولۇپ، ھەربىر پارچە ئورىغۇچى يوپۇرمىقىنىڭ ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق گۈلى بولىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى ئۈچ قىرلىق، سېپى يوق دېيەرلىك بولۇپ، يېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو، يۈننەندە ئۇنىڭ ياۋايى تىپى بار، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدا ھويلا - ئاراملارغا تىكىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ؛ ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدا زور مىقداردا ئۆستۈرۈلىدۇ، يوپۇرماق تالاسىدىن قەغەز ياكى چېگە ياسىلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى ۋە غۇنچىسى دورا قىلىنىدۇ. خەلقى ئىچىدە يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئارقىلىق قان تۆكۈرۈشنى داۋالايدۇ.