Uyghur主要词典
مۇرىت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پىر - ئەۋلىيالارغا ئىشەنگەن، قول بەرگەن كىشى.
ئەۋلىيا، پىر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، كامالەتكە يەتكەن ۋە كارامەت كۆرسىتىدىغان كىشى.
تەسۋى تارتقاننىڭ ھەممىسى ئەۋلىيا ئەمەس. مۇخلىس بولمىسا، ئەۋلىيامۇ بولماس ئىدى. پىرىگە قاراپ مۇرىتى، ساقالغا قاراپ بۇرۇتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پەيغەمبەر، پىرلەرگە ئەگەشكۈچى، ئەۋلىيا - ماشايىقلارغا ئىخلاس قىلغۇچى.
<ئۈممەت> پەيغەمبەرگە، <مۇرىت> پىرگە، <مۇخلىس> كىمدۇ بىرىگە ئەگەشكۈچى، ئىخلاس قىلغۇچى.
ئۈممىتى يوق پەيغەمبەر يوق، مۇرىتى يوق پىر. پىرىگە بېقىپ مۇرىتى، ساقالغا بېقىپ بۇرۇتى. مۇخلىس بولماي ئۆتەي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر روھانىي، ئۇستاز، پىر، ئىشان قاتارلىق تونۇلغان كىشىلەرگە قول بەرگەن، ئەگەشكەن كىشى ياكى ئۇنىڭ شاگىرتى، مۇخلىسى؛ تالىپى.
مەلۇم بىردىنن، مەسلەك، گۇرۇھ، ئېقىم قاتارلىقلارغا ئېتىقاد قىلغان، ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان، ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشى.
خرىستىئان مۇرتى. بۇددا مۇرىتلىرى.