Uyghur主要词典
مۇرىد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تالىپ، خالىغۇچى؛ بىرەر ئادەمگە ئەگەشگۈچى، بىرەر شەيخقە قول بەرگۈچى:
سەۋدا زاھىر ئەيلەب پۇشت لەبىدىن فەھم قىلمىشمەن،
مۇردى ساددەلەرگە خەت بىلەن ئىرشاد قىلغايمۇ؟
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەلەپ قىلغۇچى، ئىستىگۈچى؛ ئەگەشكۈچى؛ تەسەۋۋۇفتا بىرەر شەيخكە ئەگەشكۈچى، ئىشانغا قول بەرگۈچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئۈمىد قىلىغۇچى»، «يول ئىزدىگۈچى» دېگەنلىك بولۇپ، تەسەۋۋۇپچىلار پىرقىسىدە ئىستىقامەت قىلغان ئادەتتىكى تالىپلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار مۇئەييەن ئىستىقامەت ئەمەللىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن دەرۋىش بولىدۇ.