Uyghur主要词典
مىنا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆك، ھاۋارەڭ؛ ئاسمان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شىشە؛ كۆكۈمتۇل، ھاۋارەڭ؛ مەدەنلەر ئۈستىگە سۈرتۈلگەن يالتىراق؛ سائەتنىڭ يۈزى مىنالىق بولىدۇ.
دۇنيا تارىخى
بىر خىل مېتال ئېغىرلىق بىرلىكى ھەم پۇل بىرلىكى. قەدىمكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ ئىشلىتىلگەن. ئوخشاش بولمىغان رايون ۋە ئوخشاش بولمىغان دەۋردە ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن، ئاسسۇرىيىدە بىر مىنا 543 گرام (تەخمىنەن ئاتمىشتىن بىر تارانتون) غا تەڭ بولغان؛ بابىلوندا بىر ئېغىر مىنا 1.01 كىلوگرامغا، بىر يىنىڭ مىنا 505 گرامغا تەڭ بولغان، مىسىر (پتولېمېي دەۋرى) دا بىر مىنا 491 گرامغا تەڭ بولغان؛ يۇنان (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىكى سولون دەۋرى) دە بىر ئاتتىكا مىناسى 425 گرامغا تەڭ بولغان؛ رىمدا بىر مىنا 544 گرامغا تەڭ بولغان. ئۇ گرېكلارنىڭمۇ پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر مىنا (تەخمىنەن 631 گرام) 50 سىتاتقا يەنى 100 دراكماغا تەڭ بولغان.
دۇنيا تارىخى
(1789 - 1817) ئىسپانىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى. فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ساراگوسانى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ناۋاررا رايونىدا پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان، مەركىزىي ھۇندا تەرىپىدىن ناۋارانىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1810-يىلى 5-ئايدا ئەسىرەە چۈشۈپ، ارانسىيىگە قامالغان. 1813-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، فىردىناند Ⅶ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈرمانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1814-يىلى ناۋاررادا قوزغىلاڭ قىلغان، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. كېيىن ئەنگلىيىگە بېرىپ، باشقا ئىلغار زاتلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان. ئەنگلاىيە، ئامېرىكىدا يىراققا يۈرۈش قىلىش ئەترىتىنى تەشكىللەپ مېكسىكىغا بېرىپ، مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى داۋاملىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1718-يىلى مېكسىكىنىڭ گۇانا خۋاتو دېگەن يېرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
ھەربىي
بىر خىل پارتلىتىش قورالى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«مۇنا» غا قاراڭ