Uyghur主要词典
مىمىكا ھەرىكىتى
پسىخولوگىيە
( ياكى تاشقى ئىپادە ھەرىكىتى ) بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ كەيپىپاتىغا باغلىق بولغان ھەرىكەت ئۆزگىرىشى مىمىكا ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. يۈز قىسىمىدا ئىپادىلەنگىنى يۈزمىمىكىسى، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى تۈرلۈك قىياپەت ئۆزگىرىشلىرى بەدەن مىمىكىسى دېيىلىدۇ. نۇتۇقتىكى كەيپىيات خاراكتېرلىك ئاۋاز ئىپادىلىرى نۇتۇق مىمىكىسى دېيىلىدۇ. بۇ ئىنسانلارغا خاس مىمىكا ھەرىكىتى. بۇ مىمىكا ھەرىكەتلىرى كەيپىيات ھالىتىگە قاراپ تاشقى جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ ئورگانىزمنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق. مەسلەن، كىشى غەزەپلەنگەندە گەۋدە رۇسلىنىپ، كۆكرەك ئالدىغا چىقىدۇ، مۇشلار تۈگۈلۈپ، بۇرۇن تۆشۈكلىرى كېڭىيىپ كېتىدۇ. چىشلار « كىرىشىپ » كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى نەپەس، قان تومۇرلىرى، مۇسكۇل سىستېمىسى جەھەتتىكى فۇنكىسئونال پائالىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
نۇتۇقنىڭ ئۆزى ئىنسانغىلا خاس بولغان كەيپىياتنى ئىپادىلەيدىغان ۋاستە. نۇتۇقتىكى تىل تاۋۇشى، ئاھاڭى، رېتىم، سۈرئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مىمىكا ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ. چىراي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مىمىكا ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ. چىراي مىمىكىسى ۋە بەدەن مىمىكىسى نۇتۇق بىلەن ئالاقىلىشىشقا ياردەم بېرىدىغان قورال.