Uyghur主要词典
مىمىكا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچكى تۇيغۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىرايىدىن بىلىنگەن ئىشارە.
ئۇنىڭ ئىمىدىن خۇشاللىق ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىملىقى مىمىكىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
پسىخولوگىيە
( چىراي ئىپادىسى ). كەيپىيات ھالىتىدىكى ئورگانىزمنىڭ تاشقى ئىپادىسى مىمىكا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
ئۇسسۇل
ھېس - تۇيغۇ، ئىچكى كەيپىيات قاتارلىقلارنى ئىپادىلىگۈچى يۈز مۇسكۇللىرى ھەرىكىتى.
پىكىرنى مىمىكا ئارقىلىق ئىپادىلەش.
ھېس - تۇيغۇ ۋە كەيپىياتلارنى يۈز مۇسكۇللىرى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەش سەنئىتى.
مىمىكىغا ئۇستا ئارتىس.