ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
زورلاش، مەجبۇرلاش ئاساسىدا قىلىنغان ياكى قىلىنىدىغان ئىش؛ مەجبۇرىي يوسۇندا زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپە، ئىش.
ئۇ يەردە يەنە قوشۇمچە دىنىي دەرس ئۆتۈشمۇ مەجبۇرىيەت ئىدى.
كىشىلەرنىڭ بىرەر ئىشنى بېجىرىش، قىلىش ئۈچۈن بەرگەن قەتئىي ۋەدىسى ياكى ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە؛ بۇرچ.
پۇقرالىق مەجبۇرىيەت. مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالماق. مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماق.