Uyghur主要词典
مەجزۇب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تارتىلغان، ئۆزىگە قارىتىلغان:
جەزب قىلىنغان مەجنۇن:
ئۇلار كىم ئېردى پەيغەمبەرگە ساھىب،
بولۇپ مەجزۇبى نۇرۇللاھ جازىب.
ناقىس.
2. زەۋق فىغانۇ نالەدۇر مەھبۇب ئەھلى دىل،
كور بولدى كۆزۇ يىغلادى يەئقۇب ئەھلى دىل،
سەبرى ئەتتى، ئاھ چەكمەدى ئەييۇب ئەھلى دىل،
پەرۋاز ئېتەر دە يىغلادى مەجزۇب ئەھلى دىل،
شاخى دەرەخ تۇبى ئۆزە ئاشيا نەدۇر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىزىقتۇرۇلغان، تارتىلغان، جەلپ قىلىنغان.