ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
پېئىل دەرىجىلىرىنىڭ بىرى، يەنى مەلۇم گرامماتىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق جۈملىدىكى ھەرىكەتنىڭ گرامماتىكىلىق ئىگىسى شۇ ھەرىكەتكە تۈرتكە بولغۇچى ياكى يول قويغۇچى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە. مەسىلەن: ئوقۇ + ت = ئوقۇت، تاپ + تۇر= تاپتۇر، كۈت + گۈز = كۈتگۈز، بىل + دۈر = بىلدۈر. ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈملۈك پېئىللار بىلەن ئۆتۈمسىز پېئىللارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي دەرىجە شەكلىدە كېلەلەيدۇ. ئۆتۈمسىز پېئىللار مەجبۇرىي دەرىجىگە ئىگە بولغاندا ئۇلار ئۆتۈملۈك پېئىلغا ئايلىنىدۇ.