Uyghur主要词典
مەجبۇرىي تېرىش تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىردە كوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھىندۇنېزىيىدە زورلۇق بىلەن يولغا قويغان يېزا ئىگىلىكىنى ھۆكۈمەت باشقۇرشتىن ئىبارەت بىر خىل مۇستەملىكىچىلىك ئىگىلىك تۈزۈمى. 1830-يىلى گوللاندىيىگە قاراشلىقى شەرقىي ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيىسى بوش (1780 - 1844)، يەرلىك دېھقانلار ئۆز يېزىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىغا (ئەمەلىيەتتە ئۈچتىن بىر ياكى ئىكىدىن بىر قىسمىغا يەتكەن) ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭ نازارىتى ۋە يەرلىك ئاقساقاللاrنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، ياۋروپا بەزىرى ئېھتىياجلىق بولغان قەھۋە، شېكەر قومۇشى، چاي، تاماكا، دالچىن، قارىمۇچ قاتارلىقىلارنى تېرىشى، مەھسۇلاتىنى يەر بېجى ھېسابىدا پۈتۈنلەي يۇقىرىغا تاپشۇرۇشى، ئەگەر مەھسۇلات باھاسى يەر بېجىنىڭ سوممىسىدىن ئاز بولسا، دېھقانلار ئۆزىنىڭ ئوزۇق - تۈلۈك گۈرۈچى بىلەن تولدۇرۇپ بېرىش لازىم، يەرسىز دېھقانلار ھەر يىلى مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىگە 66 كۈن ھەقسىز ئەمگەك قىلىپ بېرىشى كېرەك، دېگەن بەلگىلىمىنى چىقارغان. ەوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىر مەجبۇرىي تېرىتقان مەھسۇلاتلارنى ناھايىتى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ، ياۋروپاغا ئاپىرىپ يۇقىرى باھادا ساتقان. 1831 - 1877-يىللاردا گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھىندونېرىيىدىن شۈلۈۋالغان پايدىسى 823 مىليون فلورىنغا يەتكەن. ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى تۈپەيلىدىن، ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىش كۈنسايىن زاۋالغا يۈز تۇتقان. كېيىن گوللاندىيە سانائەت بۇردۇئازىيىسى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، مەجبۇرىي تېرىقچىلىق تۈزۈمىنى 1870-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئەمما قەھۋەنى مەجبۇرىي تېرىش بەزى جايلاردا 1919-يىلىغىچە داۋاملاشقان.