Uyghur主要词典
ماسېئو
دۇنيا تارىخى
(1845 - 1896) كۇبا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كۇبانىڭ 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن <پرونزا گىگانت ئادەم> دەپ نام ئالغان. 10 يىللىق ئۇرۇشتا ئاجايىپ تۆھپە ياراتقان. 1878-يىلى قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ گېنېرال مايۇرلۇقغا ئۆستۈرۈلگەن. <زاڭخون شەرتنامىسى> گە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، <كىچىك كۆلەملىك ئۇرۇش> نى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ (1879 - 1880)، ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. كېيىن چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىنىپ، قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كۇبا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1895-يىلى 4-ئايدا، سانتىياەودا مارتى، گومېز بىلەن ئۇچراشقان. 9-ئايدا ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 10-ئايدا گومېز بىلەن بىللە قوشۇن تارتىپ <بۆسۈپ ئىلەىرىلەش جېڭى> ئېلىپ بېرىپ، ئۇدۇللا ئارلنىڭ غەربىگىچە بېرىپ، مۇستەملىكىچى ئارمىيىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. 1896-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى جەڭ ئۈستىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.