Uyghur主要词典
ماسيۇمى پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيىدىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار باھالاش مۇدىرىيىتىنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى، ئۇنىڭ تەكتى 1937 - يىلى قۇرۇلغان مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلات - <ھىندونېزىيە ئىسلام ئالىي كومىتېتى> ئىدى. دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش، باشقا دۆلەتلەردىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، ئىسلام دىنىنىڭ غايىسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلدى. ھىندونېزىيىنى قوغداشنى مەقسەت قىلدى. ھىندونېزىيىنى ياپونىيە ئىشغال قىلىۋالغاندا، نامىنى <باھالاش مۇدىرىيىتى> (ماسيۇم) گە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ھىندونېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 1945 - يىلى 11 - ئايدا <ماسيۇمى> نامى بىلەن سىياسىي پارتىيىگە ئۆزگىرىپ، جامائەت تەشكىلاتى نامى بىلەن قاتناشقان بىر نەچچە ئىسلام پارتىيىسىنى ۋە تەشكىلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. باش ئورگىنى يوگيارتدا تەسىس قىلىندى. 1940 - يىلى جاكارتاغا كۆچۈرۈلدى. سۇكىمان باش رەئىس بولدى. كېيىن سىياسىي قارشى ئوخشاش بولمىغان جامائەت تەشكىلاتلىرى بۇ پارتىيىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ پارتىيە ھىندونېزىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دىنىي سىياسىي پارتىيە بولدى. بۇ پارتىيە ھىندونېزىيە دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئورتاق پروگراممىسى قىلىنغان <جاكارتا نىزامنامىسى> غا ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىسلام دىنىنى دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىشنى، ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىسلام دۆلتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. پارلامېنت كۈرىشىدە ھەمىشە دىنىي سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن ئىسلام گۇرۇھى بولۇۋېلىپ، خەلق پارتىيىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن قارشىلاشتى. 1959 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى