Uyghur主要词典
ما سۇڭتىڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1895 - 1992)جۇڭگودىكى ئاخۇن، پېداگوك، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، خۇيزۇ. بېيجىڭلىق، دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. داپۇشېڭ، جاڭ زىۋېن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قولىدا ئوقۇغان. 1921 - يىلى بېيجىڭدىى خۇاسى مەسچىتىدە مەدرىسە پۈتتۈرۈپ، مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ شىدەن مەسچىتىنىڭ ئىمامى، جىنەن، چۇڭچىڭ، شاڭگاڭ قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەردە مۇددەرىس ئاخۇن، تەيبېي مەسچىتىدە ئاخۇن بولدى. 1925 - يىلى جىنەندە چىڭدا دارىلمۇئەللىمىن ئاچتى. بۇ مەكتەپ 9291 - يىلى بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) غا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، <يۆخۇا ژۇرنال رىداكسىيىسى> قۇرۇپ، <يۆخۇا>، <چىڭشى ئايلىق ژۇرنىلى> چىقاردى ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى ئىسلام دىنى ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدى. 1931 - يىلى چىڭدانى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە مىسىرغا بېرىپ بىلىم ئاشۇردى. 9351 - يىلىدىن 1936 - يىلىغىچە بيېپىڭدا خۇيزۇلارنىڭ بىر ئوتتۇرا مەكتىپى، 20 نەچچە باشلانغۇچ مەكتىپىنى ئاچتى. 1936 - يىلى يەنە مىسىرغا بېرىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى. ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، مەكتەپ بىلەن گۇيلىنغا كۆچۈپ باردى. 1945 - يىلى بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، <بېيپىڭ ئىسلام مەدرىسى> نى ئاچتى. ليۇپىڭ ئەرەبچىگە، پارسچىغا ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارغا پىششىق بولۇپ، ئىلمىي تەجۋىد ۋە ئىسلام دىنىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىگە قارىتا ئۆزىگە خاس قاراشتا بولۇپ، خەلقئارا ئىسلام دۇنياسىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە بولدى. 1956 - يىلىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئىسلام دارىلفۇنۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 2 -، 5 -، 6 -، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئىتى بولدى. <ئىسلام دىنى ۋە كىشىلىك ھايات> ناملىق ئەسەر يازدى. داپۇشىڭ، خا دېچىڭ، ۋاڭ جىڭزەيلەر بىلەن بىر قاتاردا جۇڭگودىكى تۆت چوڭ ئاخۇننىڭ بىرى ھېسابلاندى.