Uyghur主要词典
ماسون دىكسون سىزىقى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىدىكى پېنسىلۋانىيە شتاتى بىلەن مارىلاند قاتارلىق شتاتلارنىڭ پاسىل سىزىقى، مۇستەملىكە دەۋرىدە، ھەرقايسى شتاتلار ئوتتۇرىسىدا چېگرا يەرلەر مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دائىم ماجىرا تۇغۇلۇپ تۇرغانلىقتىن، 1735-يىلى ئەنگلىيە ماسون (1730 - 1785) بىلەن دىكسوننى ئەۋەتىپ ئىككى شتاتنىڭ قوشنا رايونلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1763 - 1767-يىللىرى ئارىلىقىدا شىمالىي كەڭلىك 9。43′26.3 بىلەن 39。43′17.6 ″ ئارىلىقىنى ئىككى شتاتنىڭ چېگرا سىزىقى قىلىپ ئۇزارتىلغان. ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتاتلار بىلەن ئەركىن شتاتلار ۋە جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ چېگرا سىزىقى بولغان.