Uyghur主要词典
مارساند
دۇنيا تارىخى
(1863 - 1934) فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى. ئېكسپېدىتسىيىچى، سائىنت ماىسېنت ھەربىي شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيىگە قاراشلىق سېنگالدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان. ئىلگىرى - كېيىن نېگىر دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسى، غەربىي سۇدان ۋە پىل چىشى قىرغىقىنىڭ ئىچكى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1897-يىلى 1-ئايدا، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن فرانسىيە قوشۇنىنى باشلاپ براززاۋىلدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئافرىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 1898-يىلى سۇيداننىڭ فاشودا (بۈگۈنكى كودوك) دېگەن يېرىگە يېتىپ بېرىپ، ئەنگلىيە قوشۇنى بىلەن تىركىشىپ فاشودا ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كېيىن پەخرى جۈنتۇەن مېدالىغا ئىگە بولغان. 1900-يىلى جۇڭگونىڭ يىخېتۇەن ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە غەربىي سەپ مۇستەملىكىچىلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. 1919-يىلى ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن.