Uyghur主要词典
مارسېل ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
1934-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باردۇ بىلەن يۇگوسلاۋىيە كورۇلى ئالېكساندرنىڭ مارسېلدا قەستكە ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ. 1933-يىلى 10-ئايدا، گىتلېر گېرمانىيىسى خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلاrنى قىسقارتىش يىغىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىنىشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ياۋروپانىڭ تەرتىپىگە ئېغىر تەھدىت سالغانىدى. فرانسىيە گېرمانىيىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى، پولشا ھەمدە كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. 1934-يىلى 2-ئايدا فرانسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باردۇ رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاق تۈزۈپ، <شەرق ئەھدىنامىسى> ئىمزالاپ، ەېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى پائال تەشەببۇس قىلغان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن كەينى - كەينىدىن دىپلوماتىك پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان. 1934-يىلى 4 - 6-ئايلاردا، باردۇ، لوندون، ۋاراشاۋا، پراگا قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، <شەرق ئەھدىنامىسى> ئىمزالاشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. ياۋروپادىكى گېرمانىيىگە قارشى سەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار دائىرىلىرى كرودىيىدىكى ئۇستاسېي فاشىست تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى ياللاپ، 1934-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، باردۇنىڭ مارسېلدا زىيارەتكە كەلگەن يۇگوسلاۋىيىنىڭ كورۇلى ئالېكساندرنى قارشى ئېلىشىدىن پايدىلىنىپ، ھەر ئىككىسىنى بىرلىكتە سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ ۋەقە تەييارلىق ئۈستىدىكى <شەرق ئەھدىنامىسى> گە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.