Uyghur主要词典
مارس مەيدانىدىكى قاتىللىق ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۇردۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ پارىژدىكى مارس مەيدانىدا نامايىش قىلغان ئاممىنى باستۇرغان قانلىق ۋەقە. 1791-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، پادىشاھ لۇئى 16قاچقاندا توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن، فرانسىيە خەلقى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىغا ئارقا - ئارقىدىن مۇراجىئەتنامە سونۇپ، ورۇلنى بىكار قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلار 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كورۇلنى ەۇناھسىز دەپ جفكارلاپ، كورۇلنى <بۇلىغانلىق> دەۋرلغان. ئىككىنچى كۈنى، كوردېلى كۇلۇبى مۇراجىئەتنامە يېزىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىپ، كورۇلنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان. 17-كۈنى، مۇراجىئەتنامە مارس مەيدانىدىكى ۋەتەن سۇپىسىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئامما كېلىپ ئىمزا قويغان. ئۇلار لافايېتتې باشچىلىقىدىكى مىللىي قوغدىنىش قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، نەچچە ئون ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، نەچچە يۈز ئادەم يارىلىنىشتەك قانلىق ۋەقە كېلىپ چىققان كەلتۈرۈپ چىقارغان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاشكارە ھالدا كورۇلغا بېقىنىپ، ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىش يولىغا ماڭغان.