Uyghur主要词典
مارجان دېڭىزى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسى يېڭى گۋېنىيە ۋە سولومون تاقىم ئاراللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مارجان دېڭىزىدا ياپونىيە فلوتى بىلەن قىلغان دېڭىز ئۇرۇشى. 1942-يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە فلوتى يېڭى ەۋېنىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تۇمشۇقىدىكى مورېزىي پورتىنى ئىشغال قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش لىنىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئامېرىكا دېڭىز فلوتى مارجان دېڭىزىدا كېتىۋاتقان ياپونىيە فلوتىغا توسۇپ زەربە بېرىپ، كەسكىن جەڭ باشلانغان. 8-كۈنى جەڭ ئاخىرلاشقان. ياپونىيە ئارمىيىسى مورېزىي پورتىغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ ياپونىيىنىڭ ئاۋسترالىيىگە بولغان تەھدىتى تۈگىگەن. بۇ ئۇرۇش تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيانقى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان.