Uyghur主要词典
مارتىنېز سېررا
دۇنيا تارىخى
(1881 - 1947) ئىسپانىيىلىك دراماتورگ، شائىر، تەنقىدچى. ئىلگىرى مۇخبىر بولغان. 1898-يىلى <خىزمەت شىئېرلىرى> نى نەشر قىلغان. <1898-يىلدىكى بىر ئەۋلاد> ئەدەبىيات ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مەدەنىي - مائارىپ ژۇرنىلى تۈزەەن. كېيىن تىياتىر ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ھەمدە دائىم ئايالى بىلەن ھەمكارلاشقان. 1917 - 1928-يىللىرى سەنئەت تىياتىرى قۇرغان. ئۇ شەخسكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، كونا شەكىلگە قارشى تۇرىدىغان مۇدېرنىزم تىپىگە ياتىدۇ. ⅩⅩ ئەسىردىكى ئىسپانىيە ئەدەبىياتىنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كۆپىنچە چەت ئەلدە تۇرغان. رىمدا ۋاپات بولغان. لاتىن ئامېرىكىسى ھەمدە ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تەسىرى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <بۆشۈك كۈيى> بار. يەنە <خىيالپەرسە چوكان>، <قويچى>، <مۇقەددەس پادىشاھلىق> قاتالىقلار بار.