Uyghur主要词典
مارجان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭقۇر مەنىلىك، سىرلىق سۆز - ئىبارىلەر.
ئاز يېمەك ساقلىققا، ئاز دېمەك ھېكىمەتكە باغلىق. جاھان باشتىن ئاياغ ھېكمەتقۇ ھېكمەت، نېمىشقا غەپلەت بىزگە بولۇپتۇ قىسمەت. سەمىمىيلىك ئەقلىيە سۆزىنىڭ بىرىنچى بابى. قاينام ئۆركىشىنىڭ ئەسەرلىرىدە چوڭقۇر مەنىلىك ئافورىزملار بار، <بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى> بىر مىسال.
بىئولوگىيە
ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلار تىپى، مارجانلار سىنىپىدىكى ھايۋانلار ئاجرىتىپ چىقارغان ھاك ماددىلىق سۆڭەكلەردۇر. مارجانلار سىنىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ھايات تارىخىدا مېدۇزا تىپىدىكى ئەۋلادى كۆرۈلمەي، گىدرا تىپىدىكى تۈزۈلۈشىلا كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئىندىۋىدى <مارجان قۇرتى> دېيىلىدۇ، باسال تەخسىسى ئارقىلىق مۇقىملىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ، ئەركىن تەرىپى ئېغىز تەخسىسى بولۇپ، ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدا ئوتتۇرىسى كاۋاك سېزىش بارماقلىرى بولىدۇ، سانى سەككىز ھەم ئالتە ياكى ئالتىنىڭ ھەسسە سانىغىچىلىك بولۇپ، ھەزىم قىلىش بوشلۇقىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنىغا كەتكەن بۆلگۈچ پەردىلىرىنىڭ سانى سېزىش بارماقلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. سېزىش بارماقلىرى ۋە بۆلگۈچ پەردىلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن سەككىز تارماقلىق مارجانلار ھەم ئالتە تارماقلىق مارجانلار دەپ ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مارجان تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ كۆپ قىسمى كالتسىي ماددىسى ياكى مۈڭگۈز ماددىلارنى ئاجرىتىپ سۆڭەك يىڭنىلىرى ياكى سۆڭەك ياپراقچىلىرىنى ھاسىل قىلالايدۇ، بەزى سۆڭەك يىڭنىلىرى ياكى سۆڭەك ياپراقچىلىرى قوشۇلۇپ ئوتتۇرا ئوق سۆڭىكىنى شەكىللەندۈردىۇ (مەسىلەن، قىزىل مارجانلار)، بەزىلىرى كالتسىي ماددىلىق تەگلىك (مارجان ئورۇندۇقى) نى شەكىللەندۈرىدۇ (مەسىلەن، تاش چېچىكى). كولونىيىلىشىدىغان تۈرلىرى بىخلىنىپ كۆپىيىش ئۇسۇلىدا داۋاملىق كۆپىيىۋاتقاندا، ھەرقايسى ئىندىۋىدلارنىڭ سۆڭەكلىرى بىرلىشىپ پۈتۈن كولونىيىدە بىرلىككە كەلگەن مۇستەھكەم سۆڭەك شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ سۆڭەكلەر شاخسىمان ياكى ياپىلاق تاختىسىمان شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى قىلىشقا بولىدۇ. مارجان خادا تاشلىرى ۋە مارجان ئاراللىرى مۇشۇ مارجان قۇرتلىرىنىڭ كالتسىي ماددىىق (ھاك ماددىلىق) سۆڭەكلىرىنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا مارجان ئاراللىرى ۋە نەنشا تارقىم ئاراللىرىنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان مارجان خادا تاشلىرىدىن شەكىللەنگەن ئاراللاردۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<زوئول> مارجان پولىپلار.
مارجان پولىپلارنىڭ ھاكلىق ئىسكىلىت قالدۇقلىرىدىن ھاسىل بولغان تاش. شەكلى دەرەخ شېخىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، كۆپىنچە قىزىل، ئاق ياكى قارا رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتە مۇنچاق ۋە باشقا بېزەك بۇيۇملىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
مۇنچاق ياكى شۇ قاتارلىقلارنى يىپقا تىزىش ئارقىلىق تەييارلانغان ۋە بويۇنغا تاقىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مارجانگۈل
دېڭىز ئاستىدىن چىقىدىغان ئۇششاق ياقۇت تاشلىرى