Uyghur主要词典
مايماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
تۈز ، توغرا، راۋۇرۇس، رۇس
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇتى مېيىپ، ئەيبىناق كىشى، يۈرۈش - تۇرۇشى تەس كىشى.
قۇيقا چېچى قىرىق گەز ئۆرلىگەن ئامبال ئاقساق پۇتى بىلەن چېرىكنى بىر تەپكەنىدى، ئۇنىڭ مۈرىسىگە تەگدى. جىننىڭ ئاقساق - چولاقلىرى يامان. توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا. تۆمۈرلەڭ _ مەشھۇر زات.
مايماق پۇتقا ياخشى ئاياغنىڭ نېمە كېرىكى. مايتۇق ئاياغمۇ مىدىرلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تۈز بولمىغان، ئەگرى، قىڭغىر.
پۇتى مايماق.
گويا قونغاندەك ھەسەلگە چىۋىن يات ئەل كۆزىگە چۈشتى بۇ زېمىن، تالاي قەبىلە، تالاي ئايماقلار، تەييارغا شەيخ - كۆڭلى مايماقلار.
كۆچمە. دۇرۇس بولمىغان، ناتوغرا؛ ساپ بولمىغان، ناپاك.
ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق (ماقال).