مايلانماق[يەشمىسى:] ① «مايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەن زەيتۇن يىغىدا مايلىنىپ ھەركۈنى چۈشتە ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان بولدۇم.[يەشمىسى:] ② «مايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۇچىسىغا ئادەتتىكى كۆك چاپان، پۇتىغا مايلانمىغان بەتىنكە كىيىۋالغانىدى.