Uyghur主要词典
مايلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم. («ماي Ⅰ»گە قاراڭ ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
لۈڭگە، قول سۈرتىدىغان لاتا.
مايلىققا قول سۈرتسىلە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («مايⅠ » گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
ماي چىقىدىغان، مېيى كۆپ.
مايلىق دان. * مايلىق زىرائەت. * مايلىق ئاش. * مايلىق قەغەز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈز - قول يۇغاندا سۈرتىدىغان ئىلمە توقۇلما.
<لۆڭگە> كۆپىنچە يۈز ۋە يۇيۇنغاندا بەدەن سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
<ياغلىق>، <مايلىق> لار ئومۇمەن تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قول سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاممىۋى يىغىلىشلاردا، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغلاردا كۆپچىلىك قولىنى يۇيىدۇ، بىر لۆڭگىگە، بىر مايلىققا سۈرتىدۇ، بۇياخشى ئادەت ئەمەس. يۈز لۆڭگىسى بىلەن مايلىق بىر بولماسلىقى كېرەك. ياغلىقنىڭ پاكىزلىقى ھەممىدىن زۆرۈر. ھازىر قەغەز سالپىتكىسى چىقىپ بەك ياخشى بولدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياغ - ماي سېلىنغان، قۇيۇلغان، ياغ - مېيى كۆپ.
ياغسىز، مايسىز
ياغ - مېيى يوق، ياغ - ماي سېلىنمىغان.
بىلى بوش ئادەم - ياغسىز چىراغ. مايسىز تاماقتا قۇۋۋەت يوق. ئاش بەك ياغلىق بولۇپ كېتىپتۇ. مايلىق تاماق ئاسان كۆڭۈلگە تېگىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاماقتىن كېيىن قولنى سۈرتىدىغان بۆز، لۆڭگە.
پولۇدىن كېيىن ھەممىسى مايلىق بىلەن قولىنى سۈرتۈپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مېيى بار، ماي ئېلىش مۇمكىن بولغان.
مايلىق زىرائەت. مايلىق دان.
مېيى كۆپ، ماي ئارىلاشتۇرۇلغان.
ماي سۈرتۈلگەن، مايلانغان.
مايلىق قەغەز.