Uyghur主要词典
مايمۇنباش زەمبۇرۇغ
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
مايمۇنباش زەمبۇرۇغ خالتىلىق سپورا تېنىنىڭ كۆرۈنۈشى مايمۇننىڭ بېشىغىمۇ، كىرپىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا، مايمۇنباش - كىرپە زەمبۇرۇغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بولۇپ، ئەزەلدىن ئېيىق تاپىنى، دېڭىز ئادەمگىياھى، ئاكۇلانىڭ دۈمبە پالاقچىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى تۆت چوڭ داڭلىق قورۇما دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئېتى سارغۇچ ئاق، تەمى ئېسىل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ تەركىبىدە راكقا قارشى ماددىلارنىڭ بارلىقى بايقالدى، ئۇ ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىسىنى داۋالاشتا بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نېرۋا ئاجىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا بولىدۇ، نۇرغۇن دورا زاۋۇتلىرى ئۇنىڭدىن «مايمۇنباش زەمبۇرۇغ تابلېتكىسى» ياساپ چىقىپ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىدۇ.
مايمۇنباش زەمبۇرۇغ ئەسلىدە ئېگىز تاغ، قويۇق ئورمانلار ئىچىدىكى قۇرۇپ قالغان شاخ ياكى قۇرۇپ ئۆلگەن دەرەخ غوللىرىدا ئۆسەتتى،1960 -يىلى سۈنئىي ئۆستۈرۈلۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى. ھازىر ئاساسلىقى قۇتىدا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۇلياۋ خالتىدا ئۆستۈرۈش، ياغاچ كېپىكىنى چىڭداپ ئۆستۈرۈش، تەشتەكتە ئۆستۈرۈش ھەمدە ساندۇق، سېۋەتتە ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىمۇ بار. ئۆستۈرۈش خام ماتېرىيالى ئۈچۈن ئاساسلىقى ياغاچ كېپىكى، چىگىت پوستىكى، شېكەر قۇمۇشى تىرىپى ئىشلىتىلىدۇ. تېرىلىپ40 كۈندىن كېيىن خالتىلىق سپورا تېنى ئۆسۈپ چىقىدۇ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغاندا10 كۈنلەردىن كېيىن يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. يىغىۋالغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئۆستۈرۈپ،10 كۈنلەردىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر پەرۋىش ياخشىراق بولسا ھەربىر قۇتىدىن ئۈچ قېتىم يىغىۋېلىشقا بولىدۇ.
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى. چىشىسىمان زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنى مايمۇننىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، مايمۇنباش زەمبۇرۇغ دەپ ئاتىلىدۇ. يېڭى ۋاقتىدا ئاق، گۆشلۈك بولىدۇ، قۇرۇغاندىن كېيىن ئاچ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ، كاللەكلىشىپ تېرىلىشىدۇ. دىئامېتىرى 5.3 - 10 سانتىمېتىر بولۇپ، تۈۋى قىسمى تار بولىدۇ. تۈۋىدىن باشقا گۆشلۈك قىسمىدا يىڭنىسىمان تىكەن ئۆسىدۇ. تىكىنى تۈز ئۆسكەن ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۆۋەنگە قاراپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 1 - 3 سانتىمېتىر، دىئامىتېرى 1 - 2 مىللىمىتېر كېلىدۇ. دۇپ دەرىخى، ياڭاق قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ تىك غولى ۋە چىرىندىلىرىدە ياشايدۇ. شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، خېبېي، خېنەن، گەنسۇ، سىچۇەن، جېجياڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغان. ھازىر ئۇ سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنىنى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، تەمى تاتلىق بولۇپ، بەش ئەزاغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاساسەن ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا مەلۇم بولۇشىچە تەركىبىدە راكقا قارشى ماددا بار بولۇپ، ئاشقازان راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار ئىكەن.