Uyghur主要词典
لىۋىڭىستون
دۇنيا تارىخى
(1813 - 1873) ئەنگلىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى، مىسسىئونېر. 1841 - يىلى لوندون مىسسىئونېرلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن جەنۇبىي ئافرىقا (بوتسىۋانا) غا دىن تارقىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئافرىقىدا كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈش ۋە ئېكىسپىدىتسىيە بىلەن شۇغۇللانغان. 1851 - يىلى كالاخارې چۆلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، زامبېزى دەرياسىغا كېلىپ، يەنە غەربكە بۇرۇلۇپ تەكشۈرگەن. 1853 - يىلى لۇئانداغا يېتىپ بارغان. ئارقىدىن ئافرىقا قۇرۇقلۇقىنى غەربتىن شەرققە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتىنى ئېلىپ بارغان. 1855 - يىلى يول ئۈستىدە ۋىكتورىيە شارقىراتمىسىنى تاپقان. 1856 - يىلى زامبېزى دەرياسى ئېغىزىغا يېتىپ كەلگەن، ئارقىدىن نىياسا كۆلى، نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسى، تانگانىكا كۆلى، باكۋىئولو كۆلى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرۈپ چىققان. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئەنگلىيە ۋە ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئافرىقىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن قولايلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ <جەنۇبىي ئافرىقىدا دىن تارقىتىش ساياھىتى تەكشۈرۈش خاتىرىسى>، <زامبېزى دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.