Uyghur主要词典
لى يەنلىن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1608 - 1695)چىڭ سۇلالىسىنىڭ چاغلىرىدىكى مۇددەرىس. شەندۇڭ جىنەنلىك. خۇيزۇ. كىچىكىدە كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغان. چاڭ جىمېي بىلەن مەدرىسىدە دىنىي بىلىم ئالغان. كېيىن نەنجىنگە بېىرىپ باشتا ماجىڭۋۇدا، كېيىن جاڭ شياۋشەندە ئوقۇدى. جىنەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىلۋەتتە ئىستىقامەت قىلىپ بىلىم تەھسىل قىلدى. ئاندىن كېيىن مۇددەرىسلىك قىلدى. جىنىڭ مەسچىتى پۈتكەندىن كېيىن، ھەمىشە چاڭ جىمېي بىلەن بىللە دەرس ئۆتۈپ نۇرغۇن شاگىرت تەربىيىلىدى. جاڭ جىمېي ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، داۋاملىق 10 نەچچە يىل دەرس ئۆتتى. ھاياتىدا جاپاغا چىداپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەردى.