Uyghur主要词典
لىۋىيە سائىس دەۋرى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىر تارىخىدىكى بىر دەۋر (مىلادىدىن 945 - 525 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى). 22 - سۇلالىدىن 26 - سۇلالىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىلادىدىن تەخمىنەن 945 يىل ئىلگىرى مىسىردىكى لىۋىيىلىك ياللانام قوشۇننىڭ سەردارى شېشونك ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ 22 - سۇلالىنى يەنى <لىۋىيە خاندانلىقى >نى پەرپا قىلغان. 23 - 24 - سۇلالە ئارقىلىق مىسىردا 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 307 يىل ئىلگىرى نوبىيە (قۇش) پادىشاھى - پىيانكى مىسىرنى بېسىۋېلىپ، ناپاتانى مەركەز قىلىپ، 25 - سۇلالىنى (بىر مەزگىل شىمالدىكى 24 - سۇلالە بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان) بەرپا قىلغان. بۇ <نوبىيە خاندانلىقى> دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، تەخمىنەن 20 يىلدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 664 يىل ئىلگىرى سائىس شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى پىسامتېك ئاسسۇرىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقدىن قۇتۇلۇپ، مىسىرنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 26 - سۇلالىنى بەرپاقىلغان. بۇ <سائىس خاندانلىقى> ياكى مىسىرنىڭ <قايتا گۈللىنىش دەۋرى> دەپ ئاتالغان. بۇ خاندانلىق مىلادىدىن 525 يىل ئىلگىرى پېرسىيە تەرىپىدىن يوقىتىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىسىر ئۇزاق ۋاقىت يات مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان.