Uyghur主要词典
لەڭمەنتاقتاق
لەڭمەنتاقتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لەڭمەن+تاقتاق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى. بېشى ئۆي چاشقىنىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، قۇلىقى چوڭ، ئارقا پۇتى ۋە قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن، ئالدى پۇتى قىسقا ھەم سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ. تۈكلىرى كۆپ ھاللاردا سېرىق ياكى قوڭۇرغا مايىل كۈل رەڭ بولىدۇ. چۆل-جەزىرە ياكى ئوتلاقلاردا ئۇۋا كولاپ ياشايدۇ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، ئوت-چۆپ يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.