Uyghur主要词典
لەگلەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئويۇنچۇق، قومۇش - يىكەنلەردىن - قۇراشتۇرۇپ، ئۈستىگە قەغەز ياكى شەلپەر چاپلاپ، ئۇزۇن يىپ - تانا باغلاپ، شامالنىڭ ياردىمى بىلەن ئاسمانغا ئۇچۇرۇلىدۇ. تۈرى كۆپ. ھازىر خەلقئارالىق ھەرىكەت بولۇپ قالدى.
<ۋەتۋەرەك> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
كىچىك بالىنىڭ باھانىسى لەگلەك، خوتۇن كىشىنىڭ باھانىسى ئەگلەك. يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەڭ. ۋەتۋەرەك ئۇچۇرۇپ ئويناش بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەنتەربىيە
بىر خىل ئويۇنچۇق. بامبۇك يېرىندىسى، چىغ بىلەن ياسالغان رامكا قەغەز ياكى شايىنى چاپلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئۈستىگە چىگىلگەن ئۇزۇن يىپنىڭ ئۇچىنى تۇتۇۋېلىپ، شامالنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئاسمانغا قويۇپ بېرىپ ئۇچۇرۇپ ئويناشقا بولىدۇ.