Uyghur主要词典
لەڭمەن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاماقنىڭ بىر تۈرى. ئادەتتە بۇغداي ئۇنىدىن يۇغۇرۇلغان خېمىر قول بىلەن سوزۇلۇپ ياكى ئېشىلىپ،سۇدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈستىگە قورۇما سېلىپ يېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى. بېشى ئۆي چاشقىنىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، قۇلىقى چوڭ، ئارقا پۇتى ۋە قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن، ئالدى پۇتى قىسقا ھەم سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ. تۈكلىرى كۆپ ھاللاردا سېرىق ياكى قوڭۇرغا مايىل كۈل رەڭ بولىدۇ. چۆل - جەزىرە ياكى ئوتلارقلاردا ئۇۋا كولاپ ياشايدۇ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، ئوت - چۆپ يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.