Uyghur主要词典
كۇئېسناي
دۇنيا تارىخى
(1694 - 1774)، فرانسىيلىك ئىقتىسادشۇناس، يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىش ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى، دوختۇر. 1749 - يىلى لۇئى 15 - نىڭ ئوردا دوختۇرى بولغان. 1752 - يىلى ئاقسۆڭەك نامى بېرىلگەن. 60 ياش ئۆپچۆرىسىگە كەلگەندە، ئىقتىساد ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1756 - يىلى دىدېروتنىڭ باش تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن <قامۇس> نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىنى يېزىپ بەرگەن، ئۇزۇنغا قالماي ئىلمىي ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇ مۇۋازىنەتلىك نورمال ھالەتتە، جەمئىيەتتتىكى ئۈچ چوڭ سىنىپنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛ ئىشلەپ چىقارغۇچىلار سىنىپى يەنى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرغۇچىلار جەمئىيەتكە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ يەر ئىگىلىرى سىنىپىي يەر ئىجارىسىنى ئالىدۇ؛ غەيرىي ئىشلەپ چىقارغۇچىلار سىنىپى، يەنى غەيرىي يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرغۇچىلار بىردىنبىر ئىشلەپ چىقارغۇچىلار سىنىپدۇر؛ يېزا ئىگىلىكى ئىجتىمائىي بايلىقنى كۆپەيكۈچى (يەنى ساپ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى) بىردىنبىر ئىقتىسادىي تارماقتۇر؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بايلىق يارىتالمايدۇ؛ سودا پايدىسى ئالدامچىلىق ياكى مونوپول قىلىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت؛ بىرلا خىل باج تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەر ئىگىلىرىدىن باج ئېلىش لازىم؛ سودىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى پەقەت جەمئىيەتنىڭ كېسەللىك ھالىتىدىلا يولغا قويۇشقا بولىدۇ؛ جەمئىيىەتنىڭ نورمال مۇۋازىنەتلىكىنى ساقلاشتا، رىقابەتكە ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە تايىنىش لازىم، دەپ قارىغان. ئۇ ئىقتىسادىي جەرياننىڭ ئىچكى قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، تەتقىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوبوروت ساھەسىدىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە يۆتكىگەن ھەمدە ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروتنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى سۈرەتلەپ بېرىشكە تىرىشقان. ئۇ بىرىنچى بولۇپ سىياسىي ئىقتىسادنى كاپىتالىزم ئاساسىغا تۇرغۇزغان، ئەمما ئۇنىڭ تەلىماتى فېئوداللىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، ئۈمىدنى تەرەققىيپەرۋەر پادىشاھنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا باغلىغان. <يەرنى ئىجارىگە بەرگۈچى دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرى توغرىسىدا>، <ئاشلىق توغرىسىدا>، <ئىقتىسادىي جەدۋەل> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.