Uyghur主要词典
كۇبرەۋىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى سوپىزمچى تۆت ئېقىمنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى 13 - ئەسىردە پرسىيىلىك تەسەۋۋۇپچى نەجمىدىن كۇبرەۋى قۇرغان. تارىختا خاتىرىلىنىشىچە، مۇھىددىن ئىسىملىك دائى جۇڭگوغا تۇنجى بولۇپ، ئۈچ قېتىم كېلىپ دىننى تەرغىب قىلغان. 1 - قېتىم گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىدا؛ 2 - قېتىم خۇنەن، خۇبېيدا؛ 3 - قېتىم گەنسۇدا دىننى دەۋەت قىلغان. ئاخىر بۇ كىشى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرى خېجۇدىكى دۇڭشىياڭنىڭ داۋەنتۇ دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلاشقان. يەرلىك ئادەتكە ئەگىشىپ، فامىلىسىنى جاڭغا، ئىسمىنى پۇجىغا، تەخەللۇسىنى يۇخۇاڭغا ئۆزگەرتىپ پۇقرالار تەقدىم قىلغان توققۇز مو يەرنى تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىپ، دۇڭشياڭ مىللىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئەھمەد جۇنەيكى نەقىشبەندە باداتىمۇ جۇڭگوغا كېلىپ، ئىككىنچى ئىمام بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنى مۇسۇلمان قىلدى.ئۇنىڭ ئەۋلادى دىنىي تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىنىپ 11 ئەۋلادقا يېتىپ، جاڭ مىن سۈلۈكى ياكى داۋەنتۇ سۈلۈكى دەپ ئاتالدى. ئۇلار سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەنەفىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئەقىدە ۋە مۇراسىمى مۇنداق: <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى ئېتىقادنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. بەش پەرز ۋە ئىستىقامەتنى بىجا كەلتۈرىدۇ. ئىستىقامەت خەلۋە ۋاقتى 40 كۈن، 70 كۈن، 120 كۈن بولىدۇ. ئىستىقامەت قىلغاندا غارغا كىرىۋېلىپ، زىكر سالىدۇ. ناماز ئوقۇيدۇ، كۈندە يەتتە تال چىلان يەپ، بىر نەچچە چىنە قايناقسۇ ئىچىدۇ. <قۇرئان كەرىم> قاتارلىق كىتابلارنى ئۈنلۈك تىلاۋەت قىلىدۇ. مىيىتلەرگە قۇرئان ئوقۇپ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى تىلەيدۇ. بۇ سۈلۈك مۇھەيىددىن، ئەھمەد كەبىر باغداتى، ئەبۇ ئوسمان، قەلەندەر، ھەسەنيار، ئەھمەد ئىمامىددىن، جامالىددىن، كامالىددىن، خوجا سەييىد ئالاۋىددىن، باھاۋۇددىن، ئىسمائىل جاڭ يىمىڭ بولۇپ، 11 ئەۋلادقىچە داۋاملاشتى. ئۇلارغا ئاتاپ تۆۋەندىكى گۈمبەزلەر سېلىندى: دۇڭشياڭ داۋەنتۇ گۈمبىزى (مۇھەيىددىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەھمەد جۇنەكى، نەقىشبەندە باغداتى قاتارلىقلارنىڭ قەبرىگاھى)، كاڭلې ساسلىق گۈمبىزى (بۇزرۈك يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىگاھى)، لەنجۇ لوتوخاڭ كوچىسىدىكى گۇڭلى گۈمبىزى (تۆت شاھزادە ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىگاھى) سېلىنغان. بۇ سۈلۈكتىكىلەر ئاساسلىقى گۇنسۇنىڭ لىنشا، دۇڭشياڭ، كاڭلې ناھىيىلىرىگە ۋە لەنجۇ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.