Uyghur主要词典
كۇئېبېك نىزامى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە 1774 - يىلى بوستون چاي پارتىيىسى دېلوسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۈزگەن شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسىنى جازالاش پەرمانى. ئۇنىڭ مەزمونى كۇئېبېك ئۆلكىسىنى ئوھىئو دەرياسىنىڭ شىمالىي، ئاپپالاچىئان تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىدىكى كەڭ رايونلارغىچە كېڭەيتىپ، ئەنگلىيە كورۇلى بىۋاستە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ نىزام ماسساچۇسېتتىس، نيۇ - يورك، كوننېكتىكۇت، ۋىرگىنىيە شتاتلىرىنىڭ غەربكە كېڭىيىشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇستەملىكىلەر بىلەن ئەنگلىيەنىڭ زىددىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان.