Uyghur主要词典
كۇئىنتىلىئان
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادى 53 - 95) قەدىمكى رىملىق ستىلىستىكاشۇناس. ئىسپانىيىدىكى كالاگۇررىدا تۇغۇلغان. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى رىمغا بېرىپ ئوقۇغان، كېيىن رىمدا ستىلىستىكا مەكپىتى ئاچقان (كىچىك پىلىنى ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغان). ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. <نوتۇق سەنئىتى قائىدىسى> ناملىق ئاساسلىق ئەسىرىدە مائارىپ ناتىقلارنى يېتىشتۇرۈشنى ئالىي نىشان قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسمۈرلەرنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ۋە تەقلىد قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ۋە ئوقۇتۇشتا قىزىقتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش لازىم، دەپ قارالغان. ئۇنىڭ بايانلىرى ۋە ماقالىلىرى ياۋرۇپا ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانىزم ئالىملارغا بەك تەسىر كۆرسەتكەن.