Uyghur主要词典
كوۋېنترىنى بومباردىمان قىلىش
领域: دۇنيا تارىخىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئەنگلىيەنىڭ ئاۋىئاتسىيە شەھىرى - كوۋېنترىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۇزاققىچە بومباردىمان قىلغان. 1940 - يىلى 8 - 10 - ئايلاردىكى برىتانىيە ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قارشىلىقى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش پىلانىنى بىر نەچچە قېتىم كەينىگە سۈرۈشكە مەجبور قىلغان. 1940 - يىل 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ بومباردىمان قىلىش مەركىزىي لوندوندىن كوۋېنترىغا يۆتكەلگەن. ئۇزاققىچە بومباردىمان قىلىش نەتىجىسىدە، كوۋېنترى بەكمۇ زور زىيان تارتقان. 1941 - يىل 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملق مەركەزلىك بومباردىمان قىلىشتىن كېيىن، ئەنگلىيە زېمىنىدىكى ھاۋا ئۇرۇشى ئاساسەن ئاخىرلاشقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。