Uyghur←Chinese主要词典
كوۋېنترىنى بومباردىمان قىلىش
دۇنيا تارىخى
考文垂轰炸
kǎo wén chuí hōng zhà
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئەنگلىيەنىڭ ئاۋىئاتسىيە شەھىرى - كوۋېنترىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۇزاققىچە بومباردىمان قىلغان. 1940 - يىلى 8 - 10 - ئايلاردىكى برىتانىيە ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قارشىلىقى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش پىلانىنى بىر نەچچە قېتىم كەينىگە سۈرۈشكە مەجبور قىلغان. 1940 - يىل 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ بومباردىمان قىلىش مەركىزىي لوندوندىن كوۋېنترىغا يۆتكەلگەن. ئۇزاققىچە بومباردىمان قىلىش نەتىجىسىدە، كوۋېنترى بەكمۇ زور زىيان تارتقان. 1941 - يىل 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملق مەركەزلىك بومباردىمان قىلىشتىن كېيىن، ئەنگلىيە زېمىنىدىكى ھاۋا ئۇرۇشى ئاساسەن ئاخىرلاشقان.