Uyghur主要词典
كوۋالېنتلىق تەڭشىگۈچى ئېنزىم
领域: بىئولوگىيەخۇسۇسىيەت خاراكتېرلىك بىر تۈردىكى تەڭشىگۈچى ئېنزىم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىگە نىسبەتەن باشقا ئېنزىملارنىڭ كوۋالېنتلىق نىسبەتەن باشقا ئېنزىملارنىڭ كوۋالېنتلىق تۈزەشتۈرۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئاكتىپ ھالىتى بىلەن ئاكتىپ ئەمەس (ئاكتىپلىقى تۆۋەن) ھالىتى ئارىلىقىدا ئۆز ئارا ئۆزگىرىدۇ. گلىكوگېن فوسفورىلازا، گلىكوگېن سىنتېتازا، گلۇتامىن سىنتېتازىلار بىردەك مۇشۇ خىلدىكى ئېنزىملارغا كىرىدۇ. گلىكوگېن فوسفورىلازا ئاكتىپلىقى تۆۋەن فوسفورىلازا دىمېر ۋە ئاكتىپلىقى يۇقىرى فوسفورىلازا a (تېترامېر) دىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولىدۇ. ATP مەۋجۇت بولغاندا فوسفورىلازا كىنازىسى ئېنزىم b دىكى سېرىن قالدۇقىنى فوسفاتلاشتۇرۇپ كوۋالېنتلىق تۈزەشتۈرۈىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولغان فوسفورىلازا a غا ئايلىنىدۇ. a تىپلىق ئېنزىمىنى مەخسۇس فوسفورىلازا ئېستېرازا گىدرولىزلاپ، ئېنزىم مولېكۇلىسىدىكى فوسفات كىسلاتا رادىكالىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، شۇنداق قىلىپ فوسفورىلازا a ئاكتىپلىقى تۆۋەن بولغان ئىككى فوسفورىلازا b غا پارچىلىنىدۇ. كوۋالېنتلىق تۈزەشتۈرىدىغان بۇ خىل تەڭشىگۈچى ئېنزىمنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، خىمىيىلىك سىگناللارنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە چوڭايتىدۇ (<تەدرىجىي چوڭايتىش رولى> غا قاراڭ)، يەنى بىر ئېنزىم مولېكۇلىسى تۈزەشتۈرۈپ ئاكتىپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ ھەمدە تەدرىجىي باغلىنىشلىق رېئاكسىيىلەر ئارقىلىق مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。