Uyghur主要词典
كويبشوۋ
دۇنيا تارىخى
(1888 - 1935): سوۋېت ئىتتپاقى كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئومىسكىدا ھەربىي ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1904 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1905 - يىلىدىكى روسىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1906 - 1915 - يىللىرى سىبىرىيە، پېتىربۇرگ قاتارلىق جايلاردا پارتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. 1916 - 1917 -يىللىرى سامارا (بۈگۈنكى كويبشوۋ) دىكى بولشۋىكلار پارتىيىسى تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىي مەزگىلىدە سامارادا قوراللىق قوزغىلاڭ تەشكىللەپ، يەرلىك سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى سەپ قىسىملىرى سىياسىي كومىسسارىي ۋە ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1923 - 1926 - يىللىرى رۇس كومپارتىيىسى (بولشىۋىكلار) مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىكرىتارى بولغان. 1923 - 1926 - يىللىرى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە سوۋېت ئىتتپاقى ئىشچى - دېھقانلار خەلق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سوۋېت خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1926 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1927 - يىلى ئىتتىپاق كوممۇنىستلار (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1930 - يىلدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پىلان كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1934 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خەلق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، ئەمگەك ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.