Uyghur主要词典
كۆممىقوناق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۆممىقوناققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، غولى 2 ~ 3 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم چوڭ، گۈلى ئاق جىنىسلىق، ئاتىلىق - ئانىلىقى بىر تۈپتە بولىدۇ. دېنى
سېرىق پۇرچاقنىڭكىدىن سەل چوڭراق بولۇپ، مۇھىم ئاشلىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ساقىلى، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا ساقىلىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئاندىن
يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
سۈيدۈك ھەيدەش، ئۆت يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام، ئارپا قىلتىرىقىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر، سوزۇلما خاراكتېرلىك
بۆرەك ياللۇغى ۋە سۈيدۈك ئازىيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام كۆممىقوناق ساقىلىنى 30 گرام سۆگەت يوپۇرمىقى، 35 گرام قىزىل ماش، 20 گرام كۆك سېغىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، دوۋساق تاش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 20 گرام، جىنتىيانادىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆت
خالتا ياللۇغى، ئۆت يولى تېشى ۋە سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆممىقوناق ساقىلىنى دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
كۆممىقوناقنىڭ ھۆل يىلتىزى ياكى يوپۇرمىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يول تېشى كېسەللىكىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كۆممىقوناقنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرۇ بولۇپ، شۇ جايدىكى ئىندىئانلار7000 يىل ئىلگىرىلا ئۇنى تېرىپ ئۆستۈرگەن. كۆممىقوناق مېكسىكىلىقلارنىڭ بىردىنبىر ئاشلىق زىرائىتى بولغاچقا، قەدىمكى دەۋردە كىشىلەر تۇنجى پىشقان كۆممىقوناق باشىقىنى «كۆممىقوناق ئىلاھەسى»گە تەقدىم قىلىدىكەن.
كولومبو1492 - يىلى يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقاندىن كېيىن، ئىسپانىيىلىكلەر ئامېرىكا قىتئەسىدىن كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى ئالغاچ كەلگەن ھەم ئۇنى «ئىندىئانلارنىڭ ئاساسلىق زىرائىتى»دەپ ئاتىغان. كېيىن، ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. كۆممىقوناقنىڭ مېۋە باشىقىدا نۇرغۇن ساقالچىلىرى بولۇپ، تۈركىيىلىكلەرنىڭ ساقال - بۇرۇتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا،16 - ئەسىرلەردە ياۋروپالىقلار ئۇنى ئومۇميۈزلۈك «تۈرك بۇغدىيى» دەپ ئاتاپ كەلگەن.
كۆممىقوناق ئېلىمىزگە تەخمىنەن16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىرگۈزۈلگەن. ئەينى چاغدا چەت ئەللىكلەر خان ھۇزۇرىغا كىرگەندە خانغا كۆممىقوناق باشىقىنى سوۋغات بۇيۇمى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان بولغاچقا، «خان بۇغدىيى» دەپ ئاتالغان. كۆممىقوناق ئەسلىدە غەربتىن كىرگەن بولغاچقا، ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئۇنى غەربىي ئەل بۇغدىيى دەپمۇ ئاتىغان. شاڭخەينىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى بەزى دېھقانلار كۆممىقوناقنى ھازىرمۇ چەت ئەل بۇغدىيى دەپ ئاتىشىدۇ.
كۆممىقوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بويى ئەڭ ئېگىز بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن1 ~4 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شامالغا قارشى تۇرالايدىغان تىرەك يىلتىزلىرى بولىدۇ. غولى توم ۋە بوغۇملىرى بار بولۇپ، بوغۇم ئارىلىقىدا كۆپ شىرنىلىك ئۆزەك قىسمى بولىدۇ ھەمدە بۇ يەردە ئوزۇقلۇق ماددىلار زاپاس ساقلىنىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم چوڭ، تاسمىسىمان تىمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا قاتتىق قوۋۇرغا تومۇرى بولىدۇ. يوپۇرماق گىرۋەكلىرى دولقۇنسىمان پۈرلىشىپ تۇرىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ گۈللىرى تاق جىنسلىق بولۇپ، ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق گۈللىرى غولنىڭ چوققىسىدا ئۆسۈپ، كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئانىلىق گۈللىرى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسۈپ، گۆش باشاقسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چاڭلاشقاندىن كېيىن قىلتىرىقلىق مېۋە − كۆممىقوناق دانلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. دانلىرى ئادەتتە سورتىغا قاراپ سېرىق، ئاق، قىزىل، سۆسىن ۋە چىپار رەڭلەردە بولىدۇ.
كۆممىقوناق ئادەتتە بالدۇر پىشىدىغان، مەھسۇلاتى يۇقىرى، سوغۇققا چىداملىق بولغاچقا، ھازىر ئۇ دۇنيا خاراكتېرلىك ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتىگە ئايلاندى. ئۇ ئېلىمىزدە ئاساسلىقى شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ۋە غەربىي جەنۇبتىكى تاغلىق رايونلارغا تارقالغان.
كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، شۇنداقلا تەركىبىدىكى ماي مىقدارى گۈرۈچنىڭكىگە قارىغاندا تۆت ھەسسە كۆپ بولغاچقا، كۆممىقوناق يېگەندە قورساق ئاسانلىقچە ئاچمايدۇ.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
كۆممىقوناقنىڭ يۇرتى ئامېرىكا قىتئەسى بولۇپ، ئۇنى ئىندىئانلار ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرگەن، ئىندىئانلار كۆممىقوناقنى »مول ھوسۇل ئىلاھى« دەپ قارايدۇ.
كۆممىقوناقنىڭ تەبىئىي شارائىتقا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەھسۇلات ئېلىش ئاسان. ئوخشاش كىلىمات شارائىتى، ئوخشاش پەرۋىش شارائىتىدا كۆممىقوناقنىڭ مەھسۇلاتى باشقا زىرائەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. دۇنيا بويىچە كۆممىقوناقنىڭ تېرىلىش كۆلىمى بۇغداينىڭ2 /1 ىگە توغرا كەلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەھسۇلاتى بۇغداينىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتىغا ئوخشاش دېگۈدەك كېلىدۇ. كۆممىقوناق ئىسسىقنى، يورۇقلۇقنى ياقتۇرىدۇ، سۇغا بولغان تەلىپى بىرقەدەر تۆۋەن، تاغلىق، ئېدىرلىقلاردا تېرىشقا باب كېلىدۇ. باشقا زىرائەتلەرنى تېرىغاندا مەھسۇلاتى تۆۋەن بولىدىغان ياكى باشقا زىرائەتلەرنى تېرىش مۇمكىن بولمايدىغان رايونلاردا كۆممىقوناق تېرىلسا يەنىلا يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
كۆممىقوناق ئېلىمىزدە كۆپ تېرىلىدۇ، كىشىلەر ئىزچىل ئۇنى قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش، ئاپەتكە تەييارلىق كۆرۈشتىكى مۇھىم زىرائەت دەپ قاراپ كەلگەن.
كۆممىقوناق كۈچلۈك ماددىي ئاساسقا ئىگە بولغاچقا، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ تۈپى ئېگىز، غولى توم بولۇپ، ھازىر ئۆستۈرۈلۈۋاتقان پاكار سورتلۇقلىرىمۇ ئادەم بويىچىلىك كېلىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم چوڭ، يىلتىز سىستېمىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇلار كۆممىقوناق باشىقىنىڭ يېتىلىشىنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆممىقوناقنىڭ باشىقىدا ئۇزۇن پۆپۈكى بار، ئۇنىڭ نېمە رولى بار؟ ئەسلىدە كۆممىقوناق ئاتىلىق، ئانىلىق چېچىكى بىر تۈپتە بولىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىلىق چېچىكى قوناق شېخىنىڭ ئۇچىدا بولىدۇ. ئانىلىق چېچىكى يەنە ئانىلىق باشاق دەپ ئاتىلىدۇ، مانا بۇ بىز ئىستېمال قىلىدىغان كۆممىقوناق بولۇپ، ئۇ شاخنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، شاخ ئۇچىدىكى ئاتىلىق چېچەك چاڭ چىقارغاندا كۆممىقوناق پۆپۈكى ئاستاغىنە ئانىلىق باشاقتىن چىقىدۇ، گۈل چېڭى كۆممىقوناق پۆپۈكىنىڭ ئۇچىدىكى ئانىلىق تۇمشۇقىغا چۈشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆممىقوناق باشىقىدىكى بىر تال ئۇرۇق كۆپۈشكە باشلايدۇ. كۆممىقوناق پۆپىكى ئانىلىق چېچەكنىڭ ئۇزۇن گۈل تۈۋرۈكى بولۇپ، ئانىلىق چېچەك ئۇ ئارقىلىق چاڭلىشىش جەريانىنى تاماملىغاندىلا، كۆممىقوناق باشىقىدا رەتمۇرەت يۇمىلاق دانلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئەگەر ناچار كىلىمات شارائىتىغا ئۇچراپ، كۆممىقوناق پۆپۈكى ئانىلىق باشاقتىن چىقالمىسا ياكى يېتىلىشى ناچار بولسا چاڭلىشىشقا تەسىر يېتىپ، كۆممىقوناق باشىقىدىكى دان ئازلاپ كېتىدۇ، ھەتتا «تاز مەدەك»، «قۇرۇق شاخ» بارلىققا كېلىدۇ.
ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆستۈرۈش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كىشىلەر بەزى ئالاھىدە كۆممىقوناق سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈردى، مەسىلەن، تاتلىق كۆممىقوناق تاتلىق، سۈتلۈك بولۇپ، ئۇنى مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يەنە مېۋە كۆممىقوناق، تاتلىق كۆكتات كۆممىقوناق دېگەن نامىمۇ بار. ئۇنى يەنە كۆممىقوناق كۆكى مۇرابباسى قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ ، كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇ زىياپەتلەردىكى ئېسىل تائام. ئۇنىڭدىن باشقا ئېتىلدۇرۇلىدىغان كۆممىقوناقمۇ بار بولۇپ، نورمال بېسىمدا سۇس ئوتتا قورۇپ يېيىشلىك «كۆممىقوناق ئېتىلدۇرمىسى»نى تەييارلىغىلى بولىدۇ.
بىئولوگىيە
باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئېگىز، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى توم، ئىچى پۈتەي، يوپۇرماق ئالىقىنى تۈز يېيىلىدۇ ۋە كەڭ بولىدۇ. گۈلى تاق جىنىسلىق بولۇپ، بىر تۈپتە ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىق گۈل رېتى غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل رېتى چەكسىز گۈل رېتىسىمان تىزىلغان باشاقسىمان گۈل رېتىدىن ئىبارەت؛ كىچىك باشىقى جۈپ بولۇپ، ئىككى دانە كىچىك گۈلى بولىدۇ، بىرسىنىڭ سېپى بولىدۇ، بىرسىنىڭ سېپى بولمايدۇ. ئانىلىق گۈل رېتى يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈل رېتى يوپۇرماقسىمان ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بولغان توم باشاقلىق گۈل رېتىدىن ئىبارەت؛ ئومۇمىي ئوقى توم بولۇپ بۇلۇتلىشىدۇ. كىچىك باشىقىدا بىر تال گۈل بولىدۇ، سېپى بولمايدۇ، سىلىندىرسىمان ئومۇمىي ئوققا ئۇزۇنىسىغا زىچ تىزىلىدۇ؛ ئانىلىق بوينى يىپسىمان بولۇپ، گۈل رېتىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ، قىلتىرىقلىق مېۋىسى شارسىمان ياكى ياپىلاق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى ئامېرىكا قىتئەسى بولۇشى مۇمكىن، ھازىر ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ھاۋاسى مۆتىدىل رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدۇ؛ جۇڭگودا ئاساسەن سىچۇەن، خېبېي، شەندۇڭ ۋە شەرقىي شىمالدىن چىقىدۇ. ئۇ ئاساسلىق دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىستېمال قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مايا، ھاراق، كراخمال، ئىسپىرت، گلۇكوزا ۋە پلاستماسسىنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ؛ يېڭى غولى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى يېشىل بولۇپ يەم - خەشەك قىلىنىدۇ؛ يىلتىز، يوپۇرماق، ئانىلىق بوينى قاتارلىقلار دورا قىلىنىۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كۆممە + قوناق
ئىسىم
بوتانىكا
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مۇھىم ئاشلىقلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن يەنە كراخمال ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.