Uyghur主要词典
كۆمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ياردەم.
ساقلاش، قۇرۇقلاش، بېقىش:
قويدۇم غەمى ئىشقىمنى ئەيان ئەيلەمەكىمدىن،
چەككەي ئېدىلەر كاش تىلىمنى كۆمەكىمدىن.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ياردەم، ھىمايە، ئىئانە: كۆكەمەكچى پېئىل - ياردەمچى پېئىل؛ كۆمەكچى قوشۇن - ياردەمگە كەلگەن قوشۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولغان يار - يۆلەك. كۆرسەتكەن ئەقىل، نەسىھەت.
سېنىڭ ماڭا ياردىمىڭ تەگسە، مېنىڭمۇ ساڭا ياردىمىم تېگەر. ۋاقتىدا قىلىنغان كۆمەك - ھەقىقىي قىممەتلىك كۆمەك. مەدەت بەرمەك مەردنىڭ ئىشى. ئاجىزلارغا ياردەم، زەئىپلەرگە كۆمەك، كۈچسىزلەرگە مەدەت بەر.
شىۋىلەر
جەمەتلىك، بالا - چاقىسى يېيىلغان.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ياردەم. مەسىلەن: كۆمەكلەشمەك - ياردەملەشمەك.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆممەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ياردەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. جەمەتلىك، ئۇرۇق - تۇغقىنى كۆپ.