Uyghur主要词典
كۆممەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جەسەتنى يەرلىكىگە قويماق.
مەرھۇم ئابلىز مۇھەممىدى ئىنقىلابىي قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئۆلۈشىگە قاراپ كۆمۈش.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆرەكنى، چوڭقۇرنى تولدۇرماق. ئۆلۈكنى كۆممەك، ئورىنى تىندۇرماق
كولىماق، قازماق
بىرەر يەرنى ئويۇپ، چوڭقۇر قىلماق. گۆر كولىماق، ئۆستەڭ قازماق
ئورىنى كىم كولىسا، ئۆزى چۈشەر. سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق قازغان بىلەر. قازساڭ چوڭىيىدۇ، تىندۇرساڭ كىچىكلەيدۇ. كۆزۈڭنى ئاچقانغا گۆر قازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كولانغان يەرگە جايلاپ ئۈستىنى ياپماق؛ دەپنە قىلماق.
سەۋزە كۆممەك. ئۆلۈك كۆممەك.
قارغا ئۆلۈك كۆمگىلى بولماس (ماقال).
كۆچمە. يوقاتماق، يوق قىلماق.
كۆمدۇق ئاخىر، قان شوراپ ئەلنى مۈكچەيتكەن جەمئىيەتنى.
كۆچمە. ھەددىدىن ئارتۇق تەمىنلىمەك.
ھەي ئالاھىدىن، مەن سېنى بايلىققا كۆمۈپ، ئۆزۈڭگىمۇ، ئاناڭغىمۇ ياردەم قىلغۇم كېلىدۇ.