Uyghur主要词典
كېللوگ
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1937) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكاتا بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋەكالەتچى ئەمەلدار بولۇپ ترېسىتقا قارشى دېلولارنى بىرقانچە قېتىم بىر تەرەپ قىلغان. 1917 - 1923 - يىللىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. 1924 - يىلى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1925 - 1929 - يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى فاڭجېندا چىڭ تۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا قارىتا قوراللىق ئارىلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پاناما بىلەن ئۇرۇش ۋاقتىدا قانالنى ئورتاق مۇداپىئە قىلىش شەرتنامىسىنى ھاسىل قىلغان، كۆپلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ چېگرىغا كىرىشىگە قارشى تۇرغان. 1927 - يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيىنىڭ جەنۋەدە دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى چەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. چىلى، پېرۇ ۋە بولىۋىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاكنا - يارىكا رايونى ماجىراسىنى ياراشتۇرۇشقا ياردەملەشقەن. 1928 - يىلى 15 دۆلەتنىڭ پارىژ <ئۇرۇش قىلماسلىق ئەھدىنامىسى>، يەنى <برىئاند - كېللوگ ئەھدىنامىسى>نى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولغان. 1929 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1930 - 1935 - يىللىرى مەڭگۈلۈك خەلقئارا ئادىل سوتىنىڭ سودىيىسى بولغان.