Uyghur主要词典
كېلانتان
دۇنيا تارىخى
مالايادىكى قەدىمكى دۆلەت، مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى كېلانتان رايونىغا جايلاشقان. ئىلگىرى - كېيىن سىرىۋىجايا ۋە مادجاپاخت دۆلەتلىرىگە تەۋە بولغان. 1411 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلىنىڭ 9 - يىلى پادىشاھ ماخالاچا كۇمار جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى جۇڭگولۇق دېڭىزچى جىڭخې بۇ يەرگە كەلگەن. 15 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمدا مالاككاغا قوشۇلۇپ كەتكەن. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سىيام )ھازىرقى تايلاند(غا تەۋە بولغان. 1909 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان.