Uyghur主要词典
كېڭىيىپ كېتىش ۋە دىففېرىنسىيلىنىش
پسىخولوگىيە
بۇ نېرۋا جەريانىدىكى ئىككى خىل ھادىسە. ئورگانىزمنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاشراق غىدىقلىغۇچنىڭ تەسىرىگە بىرلا خىل جاۋاب قايتۇرۇشى يەنى ئىنكاس بېرىشى كېڭىيىپ كېتىش دېيىلىدۇ. ئورگانىزمنىڭ مەخسۇس بىر غىدىقلىغۇچ تەسىرىگە ئېنىق ئىنكاس بىلدۈرۈشى دىففېرىنىسيىلىنىش دېيىلىدۇ. كېڭىيىپ كېتىش بىلەن دىففېرىنىسىيىلىنىشنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئورگانىزمنىڭ ھاياتىدا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. كېڭىيىپ كېتىش بولغانلىقتىن، ئورگانىزم تاشقى تەسرنىڭ تۇراقسىزلىقى ئاستىدىمۇ تېگىشلىك ئىنكاس بىلدۈرەلەيدۇ. دىففېرىنىسىيىلىنىش بولغانلىقتىن ئورگانىزم ئوبيېكتىپ رىئاللىقنى توغرا ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ.
كېڭىيىپ كېتىش بىلەن دىففېرىنىسىيىلىنىش ھادىسىلىرى كىشلەرنىڭ پائالىيىتى جەريانىدىمۇ دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسلەن: بىر كىشى نەپىس ماھارەتنى دەسلەپ ئۆگەنگەندە، ئۇنىڭ ھەرىكىتىدە كۆپىنچە رۆرۈرىيەتسىز ھەرىكەتلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. پەقەت مەشق جەريانىدا بۇ ماھارەتنى تەدرىجىي توغرا ئىگىلەپ ئالىدۇ. ئالدىنقىسى ( ئارتۇقچە ھەرىكەتلەر ) كېڭىيىپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كېيىنكىسى دىففېرىنىسىيىلىنىش بىلەن مۇناسۋەتلىك.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。